باش بەت         مەھسۇلات          خەۋەر          چۈشۈرۈش          تەرجىمان         تور تەرجىمانى         باشقۇرۇش        پىكىر دەپتىرى   
دىئابىت كېسىلى ھەققىدە باشلانغۇچ ساۋاتلار
  تەپسىلاتى 

ماقالە يوللاش 


دىئابىت كېسىلى ھەققىدە باشلانغۇچ ساۋاتلار


بۇ تېمىدا ئالدىنقى بىر نەچچە تېمىغا بىرلەشتۈرۈپ، بىر ھورمۇننى ۋە ئۇنىڭدىكى نورمالسىزلىق تۈپەيلى كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر كېسەلنى سىلەرگە چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي - ئىنسۇلىن ۋە دىئابىت كېسىلى:

تاماق يىگەندىن كىيىن ئوزۇقلۇق ماددىلار ئاشقازان ۋە ئۈچەيدە ھەزىم قىلىنىدۇ ۋە كۆپىنچىسى گلۇكوزا (ئالتە كاربونلۇق ئاددى قەنىت، ئەڭ مۇھىم ئېنىرگىيە مەنبەسى) غا ئايلىنىپ كىچىك ئۈچەيدىن قانغا سۈمۈرىلىدۇ. ئاندىن گىلۇكوزا قان ئايلىنىش سىستىمىسىدىن بەدەندىكى بارلىق ئەزالارغا، بولۇپمۇ ئېنىرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى بولغان مېڭە، سۆڭەك مۇسكۇلى، يۈرەك مۇسكۇلى ۋە گلۇكوزىنى گلۇكوگېنغا ئايلاندۇرۇپ ئامباردا ساقلايدىغان جىگەر قاتارلىق ئەزالارغا سۈمۈرۈلىدۇ، دە گلۇكوزىنىڭ قاندىكى مىقدارى تۆۋەنلەپ نورمال ھالەتكە قايتىدۇ. لىكىن بۇ نورمال بولغان فىزىئولوگىيلىك جەريان يەنە شۇ ھورمۇنلارنىڭ ياردىمىسىز تاماملىنالمايدۇ. قاندىكى گلۇكوزا مىقدارى ئاشقانلىقىنى سەزگەن ھامان ئاشقازان ئاستى بېزى (pancreas) دىكى بىتا- ھۆجەيرىلەر (β-cell) ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدۇ ۋە ئىنسۇلىن قاندا ئايلىنىپ ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ھۆجەيرە پەردىلىرىگە جايلاشقان گلۇكوزا توشىغۇچى ئاقسىل-4(GLUT4) نى ئاكتىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق گلۇكوزىنىڭ قاندىن بەدەندىكى ئەزالارغا سۈمۈرۈلۈپ قاندىكى مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تاماق يەپ ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەنسىرى قاندىكى گلۇكوزىنىڭ مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ ۋە شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىنسۇلىننىڭ مىقدارىمۇ تۆۋەنلەيدۇ.

تۆۋەندىكى ئىككى خىل نورمالسىز ئەھۋال ئىككى خىل دىئابىت كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ:

1. ئاشقازان ئاستى بېزى يىتەرلىك ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرالمىسا، ئۇ ھالدا ئىنسۇلىن بولمىغاندىكىن تاماقتىن كىيىن قاندىكى گلۇكوزىنىڭ مىقدارى ئىزچىل يۇقىرى ھالاتتە تۇرىۋىرىدۇ ۋە بۇ زەھەرلىك بولۇپ I-تىپلىق دىئابىت كېسلى نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى دىئابىت بىمارلىرى ئۈچۈن چوقۇم ئىنسۇلىن ئۇرۇش لازىم بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئادەتتە تىز ئورۇقلاپ كىتىدۇ چۈنكى يىگەن تاماقتىكى ئوزۇقلۇق (گلۇكوزا) ئىنسۇلىن بولمىغاندىكىن بەدەنگە قوبۇل قىلىنالماي، بەدەن ئېنىرگىيە ھالىتى مەنفىي بولىدۇ.

2. ئەگەر ئاشقازان ئاستى بېزى يىتەرلىك ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقارغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، لىكىن كۆپىنچە سېمىز كىشىلەردە ئىنسۇلىنغا بولغان سەزگۈرلۈك تۆۋەنلەپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن قاندا ھەم يۇقىرى ئىنسۇلىن ۋە يۇقىرى گلۇكوزا بولغان بىر ئەھۋال يۈز بىرىپ، يەنىلا گلۇكوزىنىڭ قاندىكى مىقدارى يۇقىرىلاپ كەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن دىئابىت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىلدىكىسى ئادەتتە II-تىپلىق دىئابىت كېسىلى دىيىلىدۇ. بۇ خىلدىكى بىمارلارنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى ھەرىكەت قىلىش ۋە ئورۇقلاش. ئىنسۇلىن ۋە ياكى باشقا دورىلار ئاساسەن كۆپ كار قىلمايدۇ. ئادەتتە، بۇ خىلدىكى دىئابىت كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلار پۈتۈن دىئابىت بىمارلىرىنىڭ 80-85% نى ئىگەللەيدۇ.

دىئابىت كېسىلى ناھايىتى كەڭ كۆرۈلىدىغان كېسەل بولۇپ، يەرلىكتە قەنىت كېسىلى، شېكەر سېيىش كېسىلى دېگەندەك ئىسىملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ. دىئابىت كېسىلى توغرۇلۇق يازغان ئىلمىي ماقالەمنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇم بار ئىدى، ئەمما ھازىرچە يېتىشىپ بولالمىدىم، كېيىنچە ئۇنىمۇ يوللاپ قويىمەن. مۇنبەرداشلارنىڭ بۇ توغرۇلۇق سوئاللىرى بولسا ئورتاقلاشساق بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى مەنبەسى ۋە ئاپتورنى ئەسكەرتىپ خالىغانچە تارقاتسىڭىز بولىدۇ.


يوللانغان ۋاقتى:2016/10/14    2570 قېتىم كۆرۈلگەن   
  خەۋەر ئىزدەش
  تەۋسىيلىك تېمىلار



  رەسىملىك تېمىلار
  ئاۋات تېمىلار













  دوستانە ئۇلىنىشلار 

ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  

    torchot.com           

  دوستانە ئۇلىنىشلار 

ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  

تورچوت |  نۇر تورى   |  شىنجاڭ مائارىپ تورى   |  شىنجاڭ ھۆكۈمەت تورى   |  كىچىك ماشىنا ماتورلىرى   |  بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تورى   |  تەرجىمان   |  我的会员管理网站   |  yanmaiqiyeyun燕麦企业云盘 网盘   |  去哪儿旅游 卖机票网   |  中烟新商盟网上订烟登录 卷烟订货    |  ئۇيغۇرچەCNR تورى    |  شوپۇرلۇق كىنىشكىنى تەكشۈرۈش   |  爱普生中国网站   |  无限极健康   |  ئادەم كۈۈچى ئىجتىمائى كاپالەت    |  AMWAY 安利官网   |  赫兹超能仪    |  ماشىنا سۇغۇرتىسى تەكشۇرۇش تورى   |   پويۇز بېلتى تەكشۇرۇش تورى   |  ئۇقۇش تارخى دىپلۇم تەكشۇرۇش تورى   |  北京首大兴科技术研究院   |  ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مالىيە ئىدارىسى تورى   |  靖江市旭阳自动化设备有限公司   |  电脑系统下载网站   |  گۈلھەسەل فىلىم تورى    |  بىرلەشمە خەۋەرلىشىش قىممەت تۇلۇقلاش تورى   |  ئايرۇپىلان بېلىتى تەكشۇرۇش تورى   |  بوشلۇق تەمىنلەش تورى   |  جوڭگو بانكىسى   |  سودا - سانائەت بانكىسى   |  قۇرۇلۇش بانكىسى   |  جوڭگو يېزا - ئىگىلىك بانكىسى   |  جوڭگو پوچتا بانكىسى   |  ئۇرۇمچى شەھرىنىڭ 3D خەرىتىسى   |  条码打印机驱动和编码软件   |  ماشىنا تەكشۈرۈش   |  كىيىم - كىچەك سېتۋېلىش تورى   |  ئېلېكتىرون ئۇسكۇنلىرى سېتۋېلىش تورى   |  رەقەملىك بۇيۇملار سېتۋېلىش تورى   |  ئېلىكتىر ئۇسكۇنلىرى تۇلۇقلىما   |  تىراكتۇر سېتىش شىركىتى ئادرىسى   |  شىنجاڭ ساغلاملىق تورى   |  كەسپى ماشىنا تورى   |  会员卡教育   |  美的官方   |  工商户营业执照网上年检网址   |  红米账号 631867198   |  مۇقىم تېلفۇن ئىشلىتىش ئەھۋالى   |  تاۋباۋ ئادەملىك ياردەم بېتى   |  دۆلەت توك تورى   |  ئىككىلىك كود 二维码   |  ئىزدە تور لۇغىتى   |  新疆维吾尔自治区工商管理局   |  新公司注册代办阿克苏   |  شىنجاڭ ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تورى   |  شىنجاڭ يېزا سودا بانكىسى 新疆农村信用社   |  ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق دۆلەت باج ئىدارىسى   |  税友软件公司   |  新疆数字证书认证中心  

ئەزالار كىرىش  | پىكىر دەپتىرى   | ئالاقىلىشىڭ  

Copyright 2010-2015 All Rights Reserved torchot

1493665951      

تور بىتىمىزدىكى بارلىق رەسىم ، ماقالە ، مەزمۇنلار توردىن كەلگەن ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىمىزغا تەسىر يەتتى دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ تىزدىن ئۇچۇرۋېتىمىز .

ئاگاھلاندۇرۇش ؛ تور بىتىمىزگە دولىتىمىزنىڭ قانۇن سىياسەتلىرىگە خىلاپلىق قىلىدىغان ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان مەزمۇندىكى ھەرقانداق مەزمۇنلارنى يوللاش قەتئى چەكلىنىدۇ ،

ئەگەر ئاگاھلاندۇرۇشقا دىققەت قىلماي يوللىغان بولسا بارلىق ئاقىۋىتىگە شۇ مەزمۇن يوللىغۇچى ئوزى جاۋاپ قىلىدۇ .

تور بىتىمىز بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.

ئاقسۇ كۈمۈش تۇلپار يېزا - ئىگىلىك ماشىنلىرى چەكلىك شىركىتى

تور بەت ئادرىسىمىز www.paydilnix.com . www.paydilnix.cn